چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1131095
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىلدۈردى، بىراق ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 2019 – يىلىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىنى بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەردوغان موسكۋاغا قارىتىدىغان بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئالدىن ئورونلاشتۇرۇلغىنى بويىچە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

ئىككى لىدېر، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرگە، سۇرىيە قاتارلىق بىر قىسىم رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر