جون بولتون دۆلىتىگە قايتتى

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ بۈگۈن (8-يانۋار) چۈشتىن كېيىن تۈركىيەدىن دۆلىتىگە قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1121526
جون بولتون دۆلىتىگە قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈنۈگۈن (7-يانۋار) تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېچىدە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن بولۇپ، بۈگۈن 13:45 ئۆتكەندە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن دۆلىتىگە قايتتى.

جون بولتوننىڭ ئۇچرىشىشىغا، ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد ۋە دۇنيا كوردىناتسىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېمىس جېفرىي قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بىلەن ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون بۈگۈن ئەتىگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئىككى سائەت 10 مىنۇت داۋاملاشتى.

جون بولتون ئەنقەرەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. دۇنفورد بىلەن جېفرىينىڭ ئەنقەرەدە قېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر