تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى، ئامېرىكادا چىقىدىغان « دۇنيا ساياھىتى»مېدىياسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپات مۇراسىمىدا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1108877
تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەت ۋە رايونغا سەپەر قىلىدىغان تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى، ئامېرىكادىكى « دۇنيا ساياھىتى»مېدىياسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپات مۇراسىمىدا ئۈچ مۇكاپاتقا بىراقلا ئېرىشتى.

ئامېرىكانىڭ كالىفورىنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق بېۋېرلىي ھىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات مۇراسىمىدا «ئەڭ ياخشى قۇرۇلمىلىق ساياھەت پىروگراممىسى»كاتېگورىيەسى بويىچە، تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى «سودىگەر يولۇچىلارغا نسىبەتەن ئەڭ ياخشى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» ۋە «ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم خادىمى»قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

بۇ يىل 15-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن مېدىيا راي سىناش پائالىيىتىگە 22مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى، 80دىن ئارتۇق كاتېگورىيە بويىچە ئەڭ ياخشى شىركەتلەرنى باھالاپ چىقىش ئۈچۈن قاتناشتى.

مۇراسىمدا «ئەڭ ياخشى قۇرۇلمىلىق ساياھەت پىروگراممىسى»مۇكاپاتىنى تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتىگە ۋاكالىتەن، قۇرۇلمىلىق بازار ۋە مۇلازىمەت بۆلۈمى باشلىقى مەرت دورمان تاپشۇرۇپ ئالدى، «سودىگەر يولۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە «ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم خادىمى»مۇكاپاتىنى بولسا تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ لوس ئانجېلېس تارمىقى مۇدىرى ئەرسەن ئەنگىن تاپشۇرۇۋالدى.  

دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇلمىلىق ساداقەت پىروگراممىلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۇلۇبى، ئەزالىرىغا ئالاھىدە ئىمتىيازلار بېرىپ كېلىشتىن سىرت، ئورگانلارغىمۇ ئەلا مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.

پىروگرامما دائىرىسىدە كۇلۇب ئەزالىرى بېلەت، ئورۇندۇق، يۈك قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار باھالاردىن پايدىلىنالايدۇ.

ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتى 124 دۆلەتتىكى 300دىن ئارتۇق رايونغا قاتنايدۇ.

تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركتىى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 17 شەھەرنى ئىستانبۇلدىن ئۈچ سائەتتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 40تىن ئارتۇق دۆلەتكە تۇتاشتۇرالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر