يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىمنىڭ خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

يىلدىرىمنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم، خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىلسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يىلسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە يىراق بولسىمۇ، لېكىن، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ.  ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى. تارىخىي يېپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان ئىقتىساد بەلبېغى ۋە يېپەك يولى لايىھەسىگە ئاساسەن بۇ ئۆتۈش ئېغىزىنى تەكرار تۆمۈر يولى لىنىيەلىرى ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا. دۆلىتىمىز، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇشىنى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.»

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ساياھەتنىمۇ جانلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىئەن شەھىرى بىلەن ئىستانبۇل شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ھاۋا قاتنىشىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇمكىن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ يەرگە ئۇچۇشقا تەييار.»

 بىنالى يىلدىرىم شىئەن شەھىرىدىكى 13 ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە چوڭ جامە بىلەن 22 ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە لايدىن ياسالغان ئەسكەرلەر جايلاشقان  مۇزېينى زىيارەت قىلدى، ھەمدە شەھەرنىڭ تارىخىي سېپىللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

خىتاي زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ ۋە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن  كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر