يىلدىرىم قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە يېتىپ كەلدى.

يىلدىرىم قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قىرغىزىستانغا كەلگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم بىشكەك خەلقئارا ماناس ئايرودۇرۇمىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋېلىندى.

يىلدىرىم ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىرلان باكىروۋ، قىرغىزىستان پارلامېنتى تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئالمازبېك بائاتىربېكوۋ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇرلان ئابدۇراھمانوۋ بىلەن تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات كۈتۈۋالدى.

يىلدىرىم ۋە رەپىقىسى سەمىھا يىلدىرىمغا مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن قىرغىز ياشلار نان ۋە قايماق سۇندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم زىيارەتلىرى دائىرىسىدە قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى داستانبېك جۇمابېكوۋ ۋە باش مىنىستىر مۇھەممەدكالىي ئابىلگازىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ، بىشكەكتىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر