تۈركىيە شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 4 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1100830
تۈركىيە شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق مەزكۇر ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان تېررورچىلارغا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 4 نەپەر قوراللىق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر