تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 14 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، قاندىل، ئاۋاشىن – باسيان ۋە ھافتانىن رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 14 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىستىھكام ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر