ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىدۇ.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمىنىڭ تاماملىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىم ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىدىغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ. ئەردوغان بىلەن پۇتىن مۇراسىمغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتنىشىدۇ.

قۇرۇلۇشى تاماملانغان چاغدا 1100 كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇققا سوزۇلىدىغان «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ 937 كىلومېتىرلىق قىسمى دېڭىزدىن ئۆتىدۇ. رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازى بۇ لىنىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر