«پ ي د گە ياردەم بەرگەنلىك پ ك ك غا ياردەم بەرگەنلىكتۇر»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ياردەم بېرىشنىڭ پ  ي د غا ياردەم بەرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«پ ي د گە ياردەم بەرگەنلىك پ ك ك غا ياردەم بەرگەنلىكتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى «ياخشى – يامان» دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پ ي د – ي پ گ گە ياردەم بەرگەنلىك، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. بىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى <ياخشى – يامان> دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايمىز. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ كۈرەش ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن پ ي د – ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تامامەن ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز، ھەمدە بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جەيمس جېفرېي، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن پ ي د – ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر