چاۋۇشئوغلۇ لائوس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لائوستا دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالۇمكاي كومماسىس بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ لائوس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان لائوستا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى كومماسىس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، بولۇپمۇ لائوستا ياز ئايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن سەل پالاكەتلىرى تۈپەيلى تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە لائوس خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

لائوستا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ دۆلەتتە تۈنۈگۈن مۇراسىم ئارقىلىق ئېچىلغان تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر