تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ پ ك ك كاتتىباشلىرىغا ئالاقىدار قارارىغا تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 3 كاتتىبېشى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە: ئامېرىكىنىڭ پ ك ك كاتتىباشلىرىغا ئالاقىدار قارارىغا تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، تېرروچىلار كاتتىباشلىرىدىن مۇرات قارايىلان، جەمىل بايىك ۋە دۇران قالقاننىڭ كىملىكى ياكى ئورنىنى ئېنىقلاشقا ياردەمچى بولىدىغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە پۇل مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا باھا بېرىپ، «(مۇكاپات ئېلانىغا) ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز. پايدىسىز ئەمەس، كېچىكىپ قالغان بىر ئىشتۇر» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ي پ گ غا، پ ي د غا پ ك ك دىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىمىز، دېيىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىزنى ئالدىيالمايدۇ. بۇلارنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىنى قايتا – قايتا بايان قىلدۇق. ناھايىتى كېچىكىپ كەتكەن بىر ئىش. بۇنى قىلسۇنلار، ئىجابىي قارايمىز، بىراق چوڭ رەسىمدە بۇ (سۈرىيەدىكى) ي پ گ غا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى پەردىلەش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىش بولسا، 3 كۈندىن كېيىن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا ئالاقىدار ھاسىل قىلىنغان يول خەرىتىسىنىڭ تولۇق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتىكى تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يول خەرىتىسى، رايوننىڭ پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ كۈچلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇپ، ھەقىقىي ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ماتتېۋ پالمېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» پىلانى دائىرىسىدە، كىملىك ياكى ئورنىنى ئېنىقلاشقا ياردەمچى بولىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇرات قارايىلان ئۈچۈن 5 مىليون دوللارغىچە، جەمىل بايىك ئۈچۈن 4 مىليون دوللارغىچە ۋە دۇران قالقان ئۈچۈن 3 مىليون دوللارغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى 1997 – يىلى چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن پالمېر، ھۆكۈمەتنىڭمۇ 2001 – يىلى پ ك ك نى «دۇنياۋى تېررورچى ئۇنسۇرلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر