تارىخىي سەپەر ئىشقا ئاشتى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى تىجارەت ئۇچۇشى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل – ئەنقەرە سەپىرى بىلەن باشلاندى.

1079685
تارىخىي سەپەر ئىشقا ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن سائەت 11.33 دە باشلانغان تۇنجى قېتىملىق سەپەر 12.19 دا تاماملاندى. « TK2124» نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12.19 دا ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

« Boeing 777» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق سەپەر ئۈچۈن قوزغىلىش رۇخسىتىنى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مىنىستىرى جاھىت تۇرھان بەردى. تۇنجى قېتىملىق سەپەردە 349 كىشى ئۇچتى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى، سەپەر ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن تولۇق مۇلازىمەت بېرىلىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر