ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات مەركىزى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) مەسىلىسى ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيەدە بىر مۇددەت قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە قويۇپ بېرىلگەن ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ برانسون بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مۇساپىمۇ تىلغا ئېلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھە بويىچە نورماللاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىرادىلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ، ئىككى دۆلەت ئىيۇن ئېيىدا مۇنبىچ توغرىسىدا بېكىتىپ چىققان يول خەرىتىسىنىڭ بالدۇرراق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلدى، 17 – سېنتەبىردە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىككى رەھبەر، 2 – ئۆكتەبىردە كىرىپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنىڭ ئەتراپلىق شەكىلدە ئايدىڭلىتىلىشى توغرىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر