تۈركىيە رەھبەرلىرى گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە رەھبەرلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان «بارباروس ھايرەتتىن پاشا تەتقىقات پاراخوتى» غا تاجاۋۇز قىلغان گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە رەھبەرلىرى گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە ئاقدېڭىزدا سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. تۈركىيە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئاقدېڭىزدا يەر تەۋرەش تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان  «بارباروس ھايرەتتىن پاشا تەتقىقات پاراخوتى» غا  گىرېتسىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

«بارباروس ھايرەتتىن پاشا تەتقىقات پاراخوتى» ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئېتىبارەن، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئالدىن پۈتكۈل جاھانغا ئېلان قىلىنغىنى بويىچە، تۈركىيەگە ئائىت گۈزەليۇرت تەتقىقات ساھەسىدە پائالىيەتلىرىنى باشلىغانىدى.

پاراخوت تۈنۈگۈن  ئەتىگەن تەرەپلەردە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، گىرېتسىيەگە ئائىت قوغىغۇچى پاراخوتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانىدى.

ۋەقەدىن كېيىن رايوندىكى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق قىسىملار، خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، «بارباروس ھايرەتتىن پاشا تەتقىقات پاراخوتى» غا تاجاۋۇز قىلغان گىرېتسىيە پاراخوتىغا مۇداخىلە قىلغانىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ماتېرىك سۇپىسىدا خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق ئىشقا سالىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيەگە رايوندا سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر