ئەردوغان ئاپتونوم رايونغا يارىشا ھەق – ھوقۇقلارنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېلىشىمى تۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولداۋانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئاپتونوم رايونغا يارىشا ھەق – ھوقۇقلارنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولدوۋا زىيارىتى دائىرىسىدە، گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختىگە يېتىپ باردى.

ئەردوغان مولدوۋا پىرېزىدېنتى دودون ۋە گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىرىنا ۋىلاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان: «مولدوۋانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى بىزگە نىسبەتەن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا ئالدىمىزدىكى دەۋرلەردىمۇ ئىرقداشلىرىمىزنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىمىزنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. بىراق، بىزنىڭ كۆرۈشنى خالايدىغىنىمىز گاگاۋۇزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋرەلىك ئىچىدە مولدوۋا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەرەققىي قىلىش تىرىشجانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرالىشىدۇر» دېدى.

ئەردوغان مولدوۋا بىلەن گاگاۋۇزنىڭ 1944يىلىدىن بۇيان نامايان قىلغان تىنچلىقپەرۋەرلىكى ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ئىرادىسىنى كۆرۈشتىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختىيار ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ئىگور دودون ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆرمەتلىك رەئىس ۋە گاگاۋۇز مەسئۇللىرىنىڭ ئاپتونوم رايونغا يارىشا ھەق ھوقۇقلارنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر