گاگاۋۇز خەلقى ئەردوغاننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارەت قىلماقچى بولغان گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى كومراتتا خەلق ئەردوغاننى تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن قارشى ئېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

1071275
گاگاۋۇز خەلقى ئەردوغاننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلماقچى بولغان شەھەردە، قارشى ئېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملاشماقتا.

پايتەخت كومراتتا ئىجرائىيە كومىتېتى بىناسى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كۈلتۈر ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ كوچىدا، خەلق قوللىرىدا، تۈركىيە، مولدوۋا ۋە گاگاۋۇز بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ئەردوغاننى قارشى ئالماقچى.

كۈلتۈر ئۆيىمۇ تۈرك بايرىقى ۋە رەسىملەر بىلەن بېزەلدى.

ئەردوغان سايلام مەزگىللىرىدە ئىشلەتكەن «دومبىرا» ناملىق ناخشىمۇ كومرات كوچىلىرىدا ھازىردىن باشلاپلا جاراڭلىق چېلىنىشقا باشلاندى.

شەھەرنىڭ بەزى يەرلىرىگە «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گاگاۋۇزغا خۇش كەلدىڭىز!» دەپ تۈركچە يېزىلغان لوزىنكىلار ئېسىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر