سويلۇ قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1070281
سويلۇ قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىنى ئايدىڭلىتىش دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن كەچتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسولىنىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى كېچىكتۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، (سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ) تۇرالغۇنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بىراق، تەكشۈرۈشنى باشلاش ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنى <2-ئۆكتەبىر ۋەقەسى> دېسەك بولىدۇ. پەقەت بىز بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئەمەس. تۈركىيە دەسلەپكى مىنۇتلاردىن تارتىپلا قانۇننىڭ تەقەززاسى ۋە سوغۇققانلىقتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىنى ياخشى نامايان قىلدى. خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە رىئايە قىلدى، شۇنداقلا ئوچۇق – ئاشكارا قەدەملەرنى تاشلىدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ مەسىلىگە قانۇن ئۆلچەملىرى دائىرىسىدە، ئاشكارا ۋە دۇنياغا ئوچۇق ھالەتتە مۇئامىلە قىلدۇق، شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، باش كونسۇلنىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر قوبۇل قىلىش بار، بىراق باشلىنىشى ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى لازىم. بۇ بىردەكلىكنىڭ ھاسىل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە» دېدى.

تەكشۈرۈش دائىرىسىدە تۈنۈگۈن «ئاختۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىدىكى تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك مېدىيا مەنسۇپلىرىنىڭ كۈتۈشى داۋاملاشماقتا.

ساقچىلار ۋە نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خادىملىرى، ئالدىنقى كۈنى كەچتە كونسۇلخانا بىناسىدا 9 سائەتتىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى. مەزكۇر تەكشۈرۈش ئەسناسىدا «لۇمىنول» ناملىق بىر خىل ئۇسۇل بىلەن چىقىرىلغان مەخسۇس چىراق تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك ماددا سايىسىدا بىنا ئىچىدىن كۆپ ساندا DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ توپلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نەق مەيداننى تەكشۈرۈش شۆبە مۇدىرلىقى خادىملىرىنىڭ كونسۇلخانىغا تۇتىشىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەر تۇرۇببىسىدىنمۇ ئەۋرىشكىلەرنى ئالغانلىقى قەيت قىلىندى. ساقچىلارنىڭ يەنە، كونسۇلخانا بىناسىنىڭ باغچىسىدىن تۇپراق ئەۋرىشكىسى بىلەن كولسۇلخانىنىڭ ئەخلەت ۋە قۇتۇلىرىنىمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نەق مەيداننى تەكشۈرۈش شۆبە مۇدىرلىقى خادىملىرىنىڭ توپلانغان دەلىللەرنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار ساقچى تەجرىبىخانىسى مۇدىرلىقىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يېپىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە بۇرۇن كونسۇلخانا تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بىر قۇدۇقنىڭمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا ساقچى ئەمەلدارلار، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇھەممەد ئەلئۇتەيبىنىڭ تۈركىيەدىن كېتىپ قېلىشىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە تۇسالغۇ پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى، ۋەقەنى ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17:00 دۆلىتىگە قايتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر