ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى

ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىنى ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيەلىك ۋە ئەرەبىستانلىق خادىملىرى كونسۇلخانىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) ۋەقەسىنى ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيەلىك ۋە ئەرەبىستانلىق خادىملىرى كونسۇلخانىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ساقچىلار ۋە تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ 9 سائەت داۋاملاشقان تەكشۈرۈشتىن كېيىن بىنادىن ئايرىلغانلىقى كۆرۈلدى.

ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرك ۋە ئەرەب خادىملىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كونسۇلخانىغا ئالدى بىلەن نورمال نومۇر تاختىلىق ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرغان سەئۇدىلىق خادىملار يېتىپ بارغان، ئارقىدىن ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرك خادىملىرى بىناغا كىرگەنىدى.

ئورتاق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىمۇ يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىستنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر