سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسۇلىنىڭ تۇرالغۇسى ئاختۇرۇلماقتا

2- ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسۇلىنىڭ تۇرالغۇسى ئاختۇرۇلماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسۇلىنىڭ تۇرالغۇسى ئاختۇرۇلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساقچى ۋە نەخ مەيداننى تەكشۈرۈش ئەترىتى تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا 9 سائەتتىن كۆپرەك تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندىن كېيىن، بۈگۈن باش كونسۇلنىڭ تۇرالغۇسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

تۈنۈگۈنكى تەكشۈرۈشلەردە ئېلىنغان نەمۈنىلەردىن بەزى دەلىللەر قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش كونسۇلى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17:00 دە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ كەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2 - ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر