تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ئىقتىسادىي خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە، تۈركىيەگە نىسبەتەن 20 دۆلەت گۇرۇھى مۇھىم بىر نۇقتىئىينەزەرنى سۇنماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك سەۋىيەدە جىددىي خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان يېقىنقى مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىگە قارىتا نۇقتىئىينىرىنىڭ ماھىيىتى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق مۇھىم قارارلار چىقىرىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، دىپلوماتىيەنىڭ ئوخشىمىغان خىزمەتلىرىدىن بىرى تۈركىيە تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

ھەممىگە مەلۇمكى، يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا ئىيۇلدا ئېيىدا چاقىرىلدى. دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك 20 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى بىلەن مەركەز بانكىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان يىغىن ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشتى.

تۈركىيەگە ۋەكالىتەن خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بىلەن مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇرات چەتىنكايا ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا، 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ھەيئىتىدىن سىرت يەنە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق چوڭ – چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، مېكسىكا ۋە خىتاي قاتارلىق كۆپلىگەن ئەزالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، قوشۇمچە تاموژنا بېجى ۋە «قىساسقا قارشى قىساس ئېلىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ % 85 تىنى تەشكىل قىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى «بارغانسېرى زورىيىۋاتقان سودا سۈركىلىشلىرى» بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىندا، شىفىرلىق پۇللار، باج باشقۇرۇش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدە تالانتلىق ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇنداقتا، ئىقتىساد ۋە سىياسەتنىڭ ئەھمىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە زورىيىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتىچۇ؟

20 دۆلەت گۇرۇھى 1999 – يىلى 26 – سېنتەبىر كۈنى 7 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قۇرۇلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكلىنى بىر يەرگە جەم قىلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر.

 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنلىرىدا، خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بەشتىن تۆتىنى، سودىنىڭ بولسا تۆتتىن ئۈچىنى تەشكىل قىلىدۇ.

نۆۋەتتە 20 دۆلەت گۇرۇھى پەقەت پۇل ۋە مالىيەگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە، ئېنېرگىيە، سودا ۋە سېلىنمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەدە كېڭەش مۇھىتىمۇ ياراتماقتا. بۇ مۇنبەردە بولۇپمۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىر يەرگە جەم بولماقتا، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلىشىشتىن سىرت يەنە، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغان مۇھىت يارىتىلماقتا.

20 دۆلەت گۇرۇھى « BrettonWoods» سىستېمىسىنىڭ تەشكىلاتلىرى ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ يېڭى خەلقئارالىق تەرتىپتە يېتەرسىز قېلىشى نەتىجىسىدە، بۇ تەشكىلاتلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھەممىگە مەلۇمكى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمىي قارار ماقۇللاش مىخانىزمى يوقتۇر. شۇڭا، ھەر بىر ئەزا دۆلەت ئۆز قاراشلىرى ۋە  مۇرەسسەچىلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. دەرۋەقە، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئۆزىنى «يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئىلمىي بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان غەيرىي رەسمىي بىر مۇنبەر» دەپ ئاتايدۇ.

ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىگە ئاساسەن باياننامە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر باياننامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن بولىدۇ.

كۆپ ساندىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنڭ دەل ئەكسىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نە دائىمىي خىزمەتچى – خادىمى، نە باش كاتىپى يوقتۇر. تەشكىلات نۆۋەتچى رەئىسلىك تۈزۈمىگە ئاساسەن باشقۇرۇلىدۇ. نۆۋەتچى رەئىسلەر ئادەتتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تېمىلىرىنى ۋە نۇتۇق سۆزلىگۈچىلىرىنى بەلگىلەيدۇ.

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلىرىمۇ بار. مەسىلەن، چۈشەنچە تەشكىلاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «20 – ت گۇرۇھى»، مېھنەتكەشلەر گۇرۇپپىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «20 – ل گۇرۇھى»، ياشلار تەشكىلاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «20 – ي گۇرۇھى» دېگەندەك.

تۈركىيە 2015 – يىلدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىكى جەريانىدا ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «20 – ۋ گۇرۇھى» نى قۇردى.

تۈركىيە، ھەم تەرەققىي تاپقان ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، «20 دۆلەت گۇرۇھى ۋەكىللىك قىلىش كۈچى ئەڭ يۈكسەك تەشكىلات»، شۇنداقلا، «20 دۆلەت گۇرۇھىنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ماسلىق جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇن مۇنبەر» دەپ قارايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ھەم يىغىنلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە قاتنىشىدۇ، ھەمدە پىرىنسىپلىرىغا ئىزچىل رىئايە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئۇچۇر – ئالاقىنى كۈچەيتىش جەھەتتىن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رولىنى زورايتىش ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىدۇ، پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە 2014 – يىلى 1 – دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈۋالغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 2015 – يىلى 15 – 16 – نويابىر كۈنلىرى ئانتاليادا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا تاماملىدى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 2015 – يىلى 1 – دېكابىر كۈنى خىتاي ئۆتكۈزۈۋالدى.

دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپى قايتىدىن پىلانلىنىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيە ئالدىنقى دەۋرلەردىكىدىن پەرقلىق ھالدا بىر چەتتە قاراپ تۇرۇۋاتقىنى يوق. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولغان تۈركىيە نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ياۋروپادىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ پات - پات تەكلىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك،  يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەت كۈچى يۈكسەك بولغان بىر ياۋروپا ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەزالىقى قوشىدىغان ھەسسە ناھايىتى مۇھىمدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر