سۇلايمان سويلۇ ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بۇلۇۋاتقان ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا رەھمانى فازلى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

1066898
سۇلايمان سويلۇ ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدە مەنسەپدىشىنى كۆرگەنلىكىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تارىخىي رىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھەمكارلىقى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىرلار ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە قويۇق ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ژاندارما ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان سۇلايمان سويلۇ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە چىققانلىقىنى ئېيتتى. 

تېررورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك، قانۇنسىز كۆچمەنلىك، ئەتكەسچىلىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىلارنىڭ ھەيئەتلار ئارا ئۇچرىشىشلاردىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ ئىراندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھماندۇستلىقى ئۈچۈن مەنسەپدىشىغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

سولايمان سويلۇ، «ھەر قانداق قېيىن مەزگىللەردە ئازئارا ھەمكارلىقىمىز ۋە تاشلىغان قەدەملىرىمىز بىزلەرنى ھەم ئۈمىتلەندۈردى، ھەم جاسارەتلەندۈردى، ھەم كۈچلەندۈردى» دېدى.

ئىران ئىچى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا راھمانى فارلى: «ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلىرىدىن بىرسىدۇر. ھەمكارلىقلىرىمىزدىن باشقا يەنە، ئىككى مىنىستىرلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ پەرقلىق ساھالەردە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققي قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم، دەپ قارايمەن. رايون خاراكتېرلىق مەسلىلەر ئىككى دۆلەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالسا بولىدۇ. بىز رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە ھەمپىكىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاق ئىشلارنى قىلالايمىز. ئەگەر بىز رايون مەسىلىلىرىدىمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرسەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەسىلىلەرگە دىققىتىنى تارتىشتا ئۇتۇققا ئېرىشسەك ۋە ئۇلارنىڭمۇ ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇلىساق، ھەم بىخەتەرلىك ساھەسىدە، ھەم ئىقتىسادتا ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە تېخىمۇ بەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بىز بۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمىز. رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قولىدا ھەل قىلىنىشى لازىم» دېدى.

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا راھمانى فارلى يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنى رايونىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرسى دەپ قارايمىز. زىيارەتلەر ۋە يىغىنلارنىڭ داۋاملىشىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ باياشاتلىق سەۋىيەسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ھەسسە قوشىدۇ»

 ئىككى مىنىستىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر