چاۋۇشئوغلۇ ئىراق پارلامېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەل ھالبۇسى بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىراق پارلامېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھالبۇسى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈرك خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ تۈنۈگۈن (10-ئۆكتەبىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھالبۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپىنىڭ باشلىقى ئەرشەت سالىھى ۋە ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدە، سۇ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدۇق. ھەم ھالبۇسى ھەمدە تۈركمەنلەر سۇ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، سۇنى ئۆزى ياشايدىغان رايونلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا رايونلار ئۈچۈن تەلەپ قىلدى. بۇ بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ چاقىرىقلارنى جاۋابسىز قالدۇرالمايتتۇق. جۇمھۇر رەئىسىمىز مەسىلە ھەققىدە بىزگە يوليورۇق بەردى. خەۋپسىزلىكتىن ئىقتىسادقىچە ئىراق خەلقىنى قوللايمىز.»

ئۇ زىيارىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ، «ئىراقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە باراۋەرلىكىنىڭ قوغدىلىشىنى قوللاش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ سايلامدىن كېيىن ئىراقنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنشائاللاھ، ئىراقتا ھەممىگە قۇچاق ئاچىدىغان، كەڭ دائىرەلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئىراق پارلامېنتىنىڭ دۆلەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمىز.»

ئىراق پارلامېنت باشلىقى ھالبۇسى مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك بولغان جۇغراپىيەۋى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ھالبۇسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدا دۆلەتنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىراقنىڭ ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھەسى ۋە قايتىدىن قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپىنىڭ باشلىقى ئەرشەت سالىھى، تۈركمەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ يەنە، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە قارار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئۇسامە نۇجەيفى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئادىل ئابدۇلمەھدى ۋە دۆلەت ھىكمەت ئېقىمىنىڭ رەھبىرى ئاممار ئەل ھېكمە بىلەنمۇ كۆرۈشتى

چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھى، باش مىنىستىر ھەيدەر ئەلئىبادى، بەدىر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ھادى ئەلئامىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، نەجەفكە بېرىپ سادر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسادىر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ نەجەفتە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر