جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۈتكۈل ئاممىنى يېڭى ئايرودۇرۇمغا تەكلىپ قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن تېكونوفېست ئىستانبۇل ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل ئاممىنى ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمغا تەكلىپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۈتكۈل ئاممىنى يېڭى ئايرودۇرۇمغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<مىللىي تېخنولوگىيە ھەرىكىتى> نى بىرلىكتە قۇتلۇقلاش، تەنتىنىمىزدىن ياشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە مەنمۇ بۈگۈن تېكنوفېست فېستىۋالىغا قاتنىشىمەن. چەكسىز ئۈمىدكە تولغا پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمغا تەكلىپ قىلىمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، 20 – سېنتەبىر كۈنى باشلانغان فېستىۋال 23 – سېنتەبىر كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر