دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.

1054693
دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقنىڭ ئاۋاشىن – باسيان، مېتىنا، زاپ ۋە گارا رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، تېررورچىلارنىڭ پاناھ جايلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خاتاينىڭ ئامانوسلار تاغلىرىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە تېررورچىلار كىرىدىغان تۆشۈك تاپالمىدى، جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسى تۈپەيلى سۈرىيەدىكى ئۇۋلىرىدىن قاچقان پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن ئافرىن بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلدى، تېررورچىلارنىڭ قېچىش يوللىرى تاقىۋېتىلدى، رايوندا يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئېلپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 46 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا تۈركىيە چېگرالىرى ئىچىدە 21، چېگرا سىرتىدا بولسا 35 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئاغرى – شەرقىي بەيازىت رايونىدا قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىمۇ 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر