ئەردوغان ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىيۇ يورك زىيارىتى دائىرىسدە، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

ئەردوغان ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە، 25سىنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى كېڭىشىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە ئامېرىكىلىق مەبلەغچىلەر ۋە سودا  سانائەتچىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ 73نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 23سىنتەبىردىن 27سىنتەبىرگىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى كېڭىشىنىڭ تۈنجى كۈنى، يەنى 25سىنتەبىردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىيۇ يوركتا تۇرۇش جەريانىدا ب د ت باش كاتىپىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئەردوغان ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكىلىق مەبلەغچىلەر، سودا سانائەتچىلەر ۋە جامائەت ئەرباپلىرى بىلەن شۇنداقلا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر