ئەردوغان-پۇتىن سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەردوغان-پۇتىن سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بىر سائەت 50 مىنۇت داۋاملاشتى. ئايرىم كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە، سۈرىيەنى ئاساس قىلغان بەزى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر