ئەردوغان بىلەن پۇتىن سوچىدا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلان قىلىدىغان باياناتنىڭ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونى ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن سوچىدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 10 كۈندە ئىككىنچى قېتىم بىر يەرگە كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى سۆھبىتى باشلاندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن قىسقا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىمىز بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان سەۋىيەدە. ھازىرنىڭ ئۆزىدە دۇنيانىڭ دىققىتى سوچىغا مەركەزلەشتى. بۇ يەردە ئېلان قىلىنىدىغان ئورتاق بايانات، رايونغا يېڭىدىن ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن: «مۇزاكىرە قىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بەزىلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلىلەر. بۇلارنى ھەم كۆزدىن كەچۈرىمىز ھەمدە بۇلارنىڭ ھەل قىلش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز» دېدى.

پۇتىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىجابىي شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ، سودا ساھەسىمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. رايون بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەڭ دائىرەدە خەلقئارالىق سىياسەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىككى رەھبەر بۈگۈنكى سۆھبىتىدە ئىدلىب مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەردوغان-پۇتىن سۆھبىتىدە، ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنىڭ پەيدا قىلىدىغان كۆچ دولقۇنى، رايوندىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

سۆھبەتتە يەنە، يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى، 26-سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە يىغىنىدىن بۇرۇن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەردوغان بىلەن پۇقتىن 7-سېنتەبىر ئىران پايتەختى تېھراندا ئېچىلغان ئۈچ تەرەپ ئالىي يىغىنىدا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر