تۈركىيەنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىدلىبتە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «پۇتىن بىلەن ئىدلىبتە قوراللاردىن تازىلانغان رايون تەسىس قىلىش جەھەتتە كېلىشتۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىدلىبتە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ ئالدى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قوراللاردىن تازىلانغان رايون تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى. ئىككى رەھبەر سوچىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دەسلەپتە سۆز قىلغان پىرېزىدېنت پۇتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سودىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سودىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى تەكىتلەپ، ئورتاق ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ئىدلىبنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە مۇھىم پىكىر بىرلىكىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۈرىيەدىكى رۇسىيە بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش خەتىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئىدلىبتە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللىرى بىلەن 20-15 كىلومېتىرلىق قورالسىز رايون تەسىس قىلىش ئۈچۈن چېكىنىشىنى قارارلاشتۇردۇق.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى رۇسىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلىدى ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ھەر ساھەدە، ئورتاق سىياسىي ئىرادە ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پۇتىن بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئىدلىبتە 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، قوراللاردىن تازىلانغان بىخەتەر رايون تەسىس قىلىپ، ئۆكتىچىلەر ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۇرۇۋاتقان رايونلىرىدا قېلىشى توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېدى.

ئۇ قوراللاردىن تازىلانغان رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئىدلىبتە ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تېررورىست گۇرۇپپىلار پەقەت ئىدلىبتىلا ئەمەس. ئەڭ چوڭ تەھدىت فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د دۇر.»

پۇتىن بىلەن ئەردوغان 7-سېنتەبىر ئىران پايتەختى تېھراندا پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا كۆرۈشكەن ئىدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر