چاۋۇشئوغلۇ باكۇ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ باكۇ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «باكۇنىڭ <كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى> تەرىپىدىن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئازاد قىلىنىشىنىڭ 100 – يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ياشىسۇن تۈركىيە – ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقى!»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۇچۇرىنى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرى ئورۇن ئالغان بىر فوتو سۈرەت ئارقىلىق ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر