ئەردوغان ئەتە ئەزەربەيجانغا بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان باكۇنىڭ ئازادلىقىنىڭ 100 – يىلىنى مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغان ئەتە ئەزەربەيجانغا بارىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەتە كاۋكاس ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە باكۇنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 100يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىلاردا، ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ئۈچۈن تاشلاشقا كېرەكلىك قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر