ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە ماڭىدۇ

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دېگەننى باھانە قىلىپ، پۇقرا، ئايال ۋە كىچىك بالا ئايرىماستىن، ئۆلتۈرۈشىنى ئىنسانىيەتكە زىت جىنايەت دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە ماڭىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان رۇسىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سوجى شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسىنىڭ كېڭەيتىلگەن ۋىلايەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىكى ئەردوغان نۇتۇقىدا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ رۇسىيە ۋە سۇرىيە تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مەسىلىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن رۇسيەگە بارىدىغانلىقىنى ۋە پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە مەسلىسى ھەققىدە دۈشەنبە كۈنى پۇتىن بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەھمۇد قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا، ئىدلىب مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، سۈرىيە مەسلىسىگە ۋە بولۇپمۇ ئىدلىب مەسلىسىگە قارىتا كەلگۈسى ئەڭ رۇشەن سىياسەتنى تۈرمىيەنىڭ يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ھەم ئاستانە، ھەم جەنۋە مۇزاكىرلىرىدە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان تېرررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىمۇ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەممەيلەن بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز. بىراق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دېگەننى باھانە قىلىپ، پۇقرا، ئايال ۋە كىچىك بالا ئايرىماستىن ئۆلتۈرۈشىنىمۇ ئىنسانىيەتكە زىت جىنايەت دەپ قارايمىز. بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ شەكىلدە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى بەپا قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جىكىلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرىشىدۇ. ئىدلىب مەسىلىسىگە دائىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزنى پۈتۈن دۇنيا ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار قوللاپ - قۇۋۋەتلىمەكتە» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر