ۋاندا يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

ۋان ۋىلايىتىنىڭ باشكالە ناھىيەسىدە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان 118 كۆچمەن تۇتۇلدى.

ۋاندا يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ۋىلايىتى باشكالە ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى چارلاش جەريانىدا، ئىران چېگراسىغا جايلاشقان ئەشمەپىنار مەھەللىسىنىڭ سارىسۇ دېگەن جايىدا پىيادە يۈرۈۋاتقان بىر توپ كىشىنى توختىتىپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە، 13 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 118 ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن كەلگەن كۆچمەننىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان.

كۆچمەنلەر ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىگە ئاپىرىلىپ، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك تارقىتىپ بېرىلگەن ۋە ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر