چاۋۇشئوغلۇ: ۋاشىنگتوننىڭ قارار قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ، سۈرىيەدە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيە چېگراسىدىن بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ھەرىكەت قىلىشىنى ئاقلاشقا ھېچقانداق ئاساسنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ: ۋاشىنگتوننىڭ قارار قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ، سۈرىيەدە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيە چېگراسىدىن بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقتا ھەرىكەت قىلىشىنى ئاقلاشقا ھېچقانداق ئاساسنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ۋاشىنگتون ئۈچۈن رايوندا كىمنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 9-سېنتەبىر «نىيۇ يورك تايمىس گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان سۈرىيە توغرىسىدىكى بىر ماقالىگە جاۋابەن يازغان «سۈرىيەدە كۆرۈنگەن بالايى-ئاپەت» تېمىلىق ئوچۇق خېتى مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئوچۇق خېتىدە، 9-سېنتەبىر نىيۇ يورك تايمىس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان ئاخىرقى رايونغا قانلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى نۇقتىسىدىن توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ ب د ت دىكى بىر مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ ھۇجۇملارنىڭ مىڭلارچە كىشى قېچىپ بارالايدىغان ھېچقانداق جاينى ئامان قويمايدىغانلىقىنى ۋە 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

«بىراق، بۇ ماقالىدە بىر قورقۇنچلۇق ئەھۋال ئۇنتۇلۇپ قالغان. بەششار ئەسەدنىڭ ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. يېڭى دوكلاتلار سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ، ئامېرىكا خەلقى تاپشۇرغان باجلار بىلەن سېتىۋېلىنغان قورال-ياراغلارنى ئالغانلىقىنى، بەششار ئەسەد بىلەن ئىتتىپاقداشلىقىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ۋە ئىيۇل ئېيىدا بەششار ئەسەد بىلەن ي پ گ|پ ك ك ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بەششار ئەسەدنىڭ ئىدلىبنى ئۆكتىچىلەردىن تارتىۋېلىشىنى قوللاش ئۈچۈن ياردەم ئەۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ ئوچۇق خېتىدە، ي پ گ نىڭ تۈركىيەدە 30 يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق بىلەن تېررورلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىدۇ.

ئۇ ئوچۇق خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

«تۈركىيە چېگراسىدىن بىر قانچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ي پ گ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىشىنى ئاقلايدىغانغا ھېچقانداق ئاساس يوق. ۋاشىنگتون ئۈچۈن رايوندا كىمنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر