تۈركىيە: ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇم داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي مۇساپىگە زەربە بېرىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە: ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇم داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي مۇساپىگە زەربە بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنىدىغان بىر ھۇجۇمنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن سىياسىي مۇساپىگە بومبا قويىدىغانلىقىنى، ئېغىر ئىشەنچ كىرىزىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى، غەرب ئەللىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رايون دۆلەتلىرىنى ئۆزئارا ماس ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىدلىبقا قىلىنغۇسى بىر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھۇجۇم ھەممىدىن بۇرۇن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن سىياسىي مۇساپىلەرگە بومبا قويىدۇ، ئېغىر ئىشەنچ كىرىزىسى يارىتىدۇ.» دېدى.

«سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىجابىي ھەسسە قوشىدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشلىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرى» نى بىلدۈرگەن قالىن، «ئىدلىبقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سەلبىيلىكلەرگە خاتىمە بېرىدىغان بىر سىياسىي چارە ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرى» نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر