مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستانغا بارىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە 13 – سىنتەبىر كۈنى پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەخدۇم شاھ مەھمۇد قۇرەيشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىككى كۈنلۈك زىيارەت دائىرىسىدە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ قۇرەيشى بىلەن ئۇچرىشىشتىن باشقا يەنە، پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەنمۇ كۆرىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
بۇ ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
پاكىستاندا 25 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئارىف ئالۋى 9 – سىنتەبىردە قەسەم قىلىپ ۋەزىپە باشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.