ئەردوغان ۋال سىترىت جۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇمنىڭ، تۈركىيە، ياۋروپانىڭ قالغان جايلىرى ۋە باشقا رايونلاردا ئېغىر ئىنسانىي ۋە خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ۋال سىترىت جۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىدلىب توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋال سىترىت جۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، «ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە خەلقئارا جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. پاسسىپ تۇرۇشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ. سۈرىيە خەلقىنى بەششار ئەسەدنىڭ مەرھەمىتىگە تاشلاپ قويساق بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئەردوغان،  ۋال سىترىت جۇرنال گېزىتىگە يازغان ئىدلىب شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى «دۇنيا ئەسەدنى توختىتىشى لازىم» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى يەتكۈچە قىلغانلىقىنى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان ئىدلىب ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، «ھاكىمىيەتنىڭ ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىشتىكى غەرىزى، ھەقىقىي ۋە پائال رەۋىشتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش سەپەرۋەرلىكى قوزغاش ئەمەس، قارا – قۇيۇق ھالدا ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىپ تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماقالىسىدە يەنە، «ئىدلىب، كۆۋرۈكتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى چىقىش ئېغىزىدۇر. ئەگەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، پەقەت بىگۇناھ سۈرىيەلىكلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا بەدىلىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. تۈركىيە يېنىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ 3 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىككە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، «ئوخشاش ۋاقىتتا يېنىمىزدىلا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولدۇق؛ ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى (دائېش) ۋە (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك. نە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ ئېغىر بەدىلى، نە خەۋپسىزلىك ئەندىشلىرى قەتئىي پوزىتسىيەمىزنى ئاجىزلىتالمىدى» دەپ يازدى.

ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا خىتاب قىلغان ئەردوغان، موسكۋا ۋە تېھرانغىمۇ چاقىرىق قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «(دىققىتىنى) خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا خالىغانچە دەرىجىگە قاراشنى رەت قىلىشى لازىم. ئاممىۋىي قوراللار تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈمنىڭ جاۋابكارىدۇر، لېكىن يېنىمىزدىكى قەتلىئامنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى پەقەت غەربنىڭلا يەلكىسىدە ئەمەس. ئاستانا مۇساپىسىدىكى شېرىكلىرىمىز رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭمۇ بۇ ئىنسانىي پاجىئەنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ماقالىسىدە يەنە، «ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆز ھۇجۇملىرىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش زېمىندا قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ نۇقتىدا خاتالاشماڭلار؛ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەدىنمۇ بەكرەك تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ھېچبىر بىر دۆلەت يوقتۇر. بەششار ئەسەدنىڭ ھەل قىلىش چارىسى خاتادۇر. بىگۇناھ كىشىلەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا قۇربان قىلىنماسلىقى كېرەك. بۇ، پەقەت ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمغا يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. دائېشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ سەۋەبى ئەمەس مەھسۇلى ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئىدلىبتا ھەيئەتى تەھرىرۇششامغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان جايلارنىڭ بارلىقىغا، بىراق بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ رايون نوپۇسىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلغاندا، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە پ ك ك غا قارشى كۈرىشىدە بۇنىڭ ئۈلگىلىرىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر