تۈركىيە: ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىش جەزمەن داۋاملىشىشى كېرەك

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ جەزمەن داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە: ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىش جەزمەن داۋاملىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئابدۇل راھىم سايەد جاننىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئافغانىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 99 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تەبرىكلەش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزىدە، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئاستانا مۇساپىسى رامكىسىدا قۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنىڭ جەزمەن داۋام قىلىشىنى ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىنمىغان ۋە رايونغا ھۇجۇم قىلىنغاندا، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ كۆپ جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلىنغان بارلىق ھۇجۇملارنىڭ بالدۇرراق توختىتىلىپ، رايوندا ئۇرۇش توختىتىش ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئەڭ كۈچلۈك ئۈمىدىمىز.»

ھۇلۇسى ئاكار خىمىيەلىك قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك قوراللار بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، پەقەت مۇئەييەن بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە بۇ تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئەل قائىدەگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك|پ ي د|ي پ گ، پ ج ئا ك، دائېشقا قاشى كۈرىشىمىزنى ئىزچىل ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە داۋام قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر