تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا قىلىنغان تۈنۈگۈنكى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئېيتتى.

تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت موقدىشۇدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق قىلمىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «سومالىنىڭ مۇقىملىقىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئېيتىمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز، سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى تۈنۈگۈن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كەم دېگەندە 6 ئادەم قازا قىلغان، 16 يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر