تۈركىيە لىۋىيەە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستىكى لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئورگىنىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە لىۋىيەە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «لىۋىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقى نۇقتىسىدىن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئورگانغا قىلىنغان مەزكۇر تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ترابلۇستىكى دۆلەتلىك نېفىت ئورگىنى بىناسىدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

 لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستىكى دۆلەتلىك نېفىت ئورگىنىغا قىلىنغان تۈنۈگۈنكى قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان، 10 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر