يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

شىرناقنىڭ كۈپەلى تېغىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

يېقىنقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا يەنە، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلغان ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارالغان 445؛ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق 4307؛ قانۇنسىز كۆچمەنلىك دائىرىسىدە 101 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىرناقنىڭ كۈپەلى تېغىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىشلار مىنىستىرلىقى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىقى ئىستىخبارات تارماقلىرى، شىرناقنىڭ كۈپەلى تېغىدا قىشلىق ئورۇنلىشىش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى بايقىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە، 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر