سەۋەنلىك بىلەن چېگرانىڭ گىرېتسىيە تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى تۈرك ئەسكەر قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سەۋەنلىك بىلەن چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى تۈرك ئەسكىرىنىڭ بىر قانچە سائەت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىپ تۈركىيەگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەۋەنلىك بىلەن چېگرانىڭ گىرېتسىيە تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى تۈرك ئەسكەر قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، 2 تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11:00 ئەتراپىدا سەۋەنلىك بىلەن گىرېتسىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئىككى ئەسكىرىنىڭ قاچقۇن كۆچمەنلەرنى قوغلاش ۋە ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش جەريانىدا سەۋەنلىك بىلەن چېگرانىڭ گىرېتسىيە تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، گىرېتسىيە دائىرىلىرى بىلەن ئورنىتىلغان ئالاقە نەتىجىسىدە، تۇتقۇن قىلىنغان مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18:00 دە قويۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر