ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 27 – ئاۋغۇستتىن 3 – سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1042060
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، 4 نەپىرى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل بولۇپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 46 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 27 – ئاۋغۇستتىن 3 – سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە بۇ جەرياندا 26 نەپىرى ئۆلۈك، 8 نەپىرى تىرىك، 12 نەپىرى تەسلىم بولۇش يولى بىلەن جەمئىي 46 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، پ ك ك بىلەن چېتىشلىق 104؛ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق 153؛ دائېش بىلەن چېتىشلىق 21 ۋە سول ئېقىمدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىق، دەپ قارالغان 8 كىشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چاچقان 274 ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.

ئېنىقلانغان 178 كىشى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر