ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانلىرى پۈتكۈل جۇغراپىيەنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانلىرىنىڭ ھەم ئەنقەرەنىڭ ھەم پۈتكۈل جۇغراپىيەنىڭ كېلەچىكى ھەم ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1039674
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق نىشانلىرى پۈتكۈل جۇغراپىيەنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» ۋە «تۈرك قوراللىق قىسىملىرى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يەتكەن چاغدا، بۇ ھەم بىزنىڭ ھەم پۈتكۈل جۇغراپىيەنىڭ كېلەچىكىنى، ئىستىقبالىنى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. تارىخىمىزنىڭ ھەر بىر دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، بىز بىلەن بىرلىكتە  كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق مەزلۇملار ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن  كۈرەش قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە بىزنىڭ يېڭى زەپەرلەرنىڭ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بوسۇغۇسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. خۇدايىم بۇيرىسا، تۈركىيەگە  ئىشىنىدىغان دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە چوقۇم بۇ  كۈرەشتە غەلىبە قىلىپ، زەپەر قۇچىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر