ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ مۇھىم تېلېفون كۆرۈشۈشى ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1033069
ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ مۇھىم تېلېفون كۆرۈشۈشى ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېفون كۆرۈشۈشىدە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ گېرمانىيە نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە يەنە، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك بىلەن گېرمانىيەنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىساد مىنىستىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

كۆرۈشۈشتە، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغاندىن باشقا، ئىككى رەھبەرنىڭ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە كۆرۈشۈشى تىلغا ئېلىندى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئانگېلا مېركېل ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر ۋە ئۇچرىشىشلار بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتىشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىكەنلىكلىرىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر