يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى

تېررورىزمغا قارشى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا پائال ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 5 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە، يېقىنقى بىر ھەپتىلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئېلان قىلىپ، 4 نەپىرى ئاتالمىش رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىن بولۇپ جەمئىي 39 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى؛ كۆپ مىقداردا قورال، ئوق – دورا ۋە پارتلاتقۇچلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى؛ بۇ دائىرىدە، تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئۆڭكۈرلەر ۋە ئىستىھكاملىرىنىڭمۇ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دىيارباكىرنىڭ كوجاكۆي تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش رايون مەسئۇللىرىدىن «شاھىن» تەخەللۇسلۇق ئاھمەت دوراك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر