تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى

«مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك خەۋەر – ئىش ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تارىق سەزگىننىڭ «تۈركىيەنىڭ يەرلىك ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1025378
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھۇجۇمچى رولنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سېتىۋېلىشنى خالىسىمۇ ئامېرىكا بەرمەي كېلىۋاتاتتى. تۈركىيە نۆۋەتتە تۇنجى مىللىي ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئالپاگۇ بىلەن كارگۇنى ۋە كۆزەتكۈچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توگاننى ياساپ چىقىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى.

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا مۇداپىئە ساھەسىدە ئىشلەپچىقارغان يېڭى مىللىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن دىققەتنى تارتماقتا. كىنوچىلىق ساھەسىدە ھاۋادىن سۈرەتكە ئېلىش كامېراسىنى ئېلىپ يۈرۈش رولىنى ئۆتەۋاتقان «ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» نۆۋەتتە كۆپلىگەن ساھەلەردە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ دائىرىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى مۇھىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى يەرلىك ئىمكانىيەتلىرىمىزگە تايىنىپ ئىشلەپچىقارماقتىمىز. تۈركىيە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھۇجۇمچى رولنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئامېرىكا بەرمىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى پائاللىقنى ئاشۇرىدىغان بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان تۈركىيەگە سېتىپ بەرمەسلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. لېكىن، دۆلىتىمىز بۇ ئەھۋالنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. تۈركىيە مىللىي مەھسۇلاتىنى ئۆز ئەمگەك كۈچى ۋە يەرلىك ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىشى، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە نۆۋەتتە دۇنيادىكى «ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى» ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تېخنولوگىيەسىدە مۇھىم بىر نۇقتىغا يەتتى. تۈركىيەنىڭ ئاسماندىكى يېڭى ئەسكەرلىرى، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان «قوراللىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى» نى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تاپشۇرۇش باشلاندى. مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن مىللىي قورال سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تاكتىكىلىق ئۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە تەۋرەنمەس قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى -ئالپارگۇ، ئايلانما قاناتلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى – كارگۇ، ۋە ئايلانما قاناتلىق چارلاش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىسى- توگاندىن ئىبارەت ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى. مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىغا سىستېما ئىنژېنېرلىقى، تېخنىكىلىق ياردەم، لايىھە باشقۇرۇش، تېخنولوگىيە يۆتكەش دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن، مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بىر ئورۇندۇر.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي ھۇجۇم قىلىش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى 2017 – يىلى نويابىردىن باشلاپ ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىقى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشكە باشلاندى. يەرلىك ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى – كارگۇ ئافرىندا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن؛ ئۆزىدىن قاچقان 5 كىشىلىك تېررورچىلار گۇرۇپپىسىنى پ ك ك تېررورچىلىرىغا يېقىنلاشقان پەيتتە پارتلاش ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرغانىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كارگۇ سايىسىدا ئالاھىدە قىسىم خادىملىرى تېررورچىلارنى 5 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ يوقىتىپ تاشلىغانىدى. نۆۋەتتە بولسا، قاندىلدىكى تېررورچىلارغا ۋەھىمە ياراتماقتا.

 

تاكتىكىلىق ئۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە تەۋرەنمەس قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى -ئالپارگۇ

 

مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى زامانىمىزدىكى ئاسسىمېترىك ئۇرۇش ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇجادىلە ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالپارگۇ «يالغۇز ھالەتتە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلغان يىگىت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پەقەت بىرلا ئەسكەر ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. نىشانلارنى بېكىتىپ دۈشمەن كۈچلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلالايدۇ.

ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالپارگۇ چارلاش، كۆزىتىش ۋە كىچىك ھەجىملىك نىشانلارنى يوقىتىپ تاشلاشتەك بىر قىسىم تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە تەۋرەنمەس قاناتلىق ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدۇر. ئالپارگۇ دەل ۋاقتىدا كۆرۈنۈش ئېلىش ۋە چوڭقۇرلاپ ئۇچۇر ئىگىلەش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى مۇقىم ۋە ھەرىكەتچان نىشانلارغا قارشى پائال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 

ئايلانما قاناتلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى – كارگۇ

 

كارگۇ «تاغ ئۈستىدىكى كۆزىتىش مۇنارى» ياكى «رەگەتكە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئايلانما قاناتلىق «قوراللىق مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارگۇ - مۇستەقىل ياكى تىزگىنەك بىلەن يىراقتىن باشقۇرۇشتەك بەزى تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئايلانما قاناتلىق مىللىي ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدۇر. سىستېما؛  ھۇجۇمچى ئايلانما قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە يەر كونترول قىسمى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. كارگۇ، كېچە – كۈندۈز پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئوخشاش بولمىغان قورال بىلەن ھەرىكەتچان نىشانلارغا مەركەزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئۆزىنى يوقىتىپ تاشلاش ئىقتىدارىدىن باشقا توغرىلانغان ئېگىزلىكتە زەربە بېرىش ئىقتىدارىمۇ بار.

 

ئايلانما قاناتلىق چارلاش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىسى- توگان

 

توگان دېگەن بۇ ئىسىم «ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سەزگۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كۈچلۈك قاناتلىرى بىلەن ھاۋادا چەمبەر سىزالايدىغان قۇش تۈرى» بولغان «دوغان يەنى شۇڭقار» دىن ئېلىنغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى، ئۇنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىك چارلاش – كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس پىلانلاش يۇمشاق دېتالى، مۇستەقىل ئەقلىي ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىنىڭ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. توگان مۇستەقىل ياكى تىزگىنەك ئارقىلىق باشقۇرغىلى بولىدىغان، بىرلا كىشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان ئايلانما قاناتلىق مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدۇر.

تېررورچىلارغا قېچىش ئىمكانىيىتى بەرمەيدىغان بۇ مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز، تېررورچىلارنى ئەڭ كىچىك تۆشۈكلەر ئارقىلىق ئۇۋىلىرىغا كىرىپ يوقىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر. ئالپارگۇ ۋە كارگۇ بىر مىنۇتتىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە تەييارلىنىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلغان قورالنى ئېلىپ نىشانغا قاراپ سائىتىگە 120 بىلەن 140 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ئۈستىدىكى قورال 20 كىۋادرات مېتىرلىق جايدىكى بارلىق نىشانلارنى يوقىتالايدۇ. تۈركىيە، بۇ خىل مىللىي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەھىمىلىك چۈشى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر