كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى قالدۇرغان ئىزلار

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى قالدۇرغان ئىزلار» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى قالدۇرغان ئىزلار

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى قالدۇرغان ئىزلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى قالدۇرغان ئىزلار» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ 5 ئىقتىسادىي كۈچىدىن تەشكىل تاپقان كېسەك ئالتۇن (BRİCS) گۇرۇپپىسى، 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان باشلىقلار يىغىنىدا خەلقئارا سودىدىن سېلىنمىلارغىچە، دۇنياۋى ھەمكارلىقلاردىن تارتىپ مالىيە خىزمەتلىرىگىچە بولغان ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. دۇنيا سودىسىنىڭ %18 ىنى قىلىۋاتقان بولۇشى، كۆپىيىۋاتقان نوپۇسى، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى قاتارلىقلار دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %23 ىنى تەشكىل قىلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد سەھنىسىدىكى نوپۇزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا سەۋەب بولماقتا. ئۇنداقتا، سودا ئۇرۇشلىرى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگەن ۋە ئالدىمىزدىكى مۇساپىگە دائىر تۇراقسىزلىقلار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قانداق ئۈمىدلەرنى بېغىشلايدۇ؟

تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى 2006 – يىلى بىرازىلىيە، ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن «BRİC» دېگەن نام ئاستىدا چاقىرغان بۇ قۇرۇلما، 2009 – يىلى تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىردى. 2011 – يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قېتىلىشى بىلەن نامى «BRİCS» غا ئۆزگەردى.

بىر يەرگە جەم بولغان بۇ بەش دۆلەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40 ىدىن كۆپرەكىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %25 گە يېقىنىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇشىدۇر. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ خىتاي بولسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت رۇسىيەدۇر. بۇ دۆلەتلەر ئۆزئارا 102 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق سودا ھەجىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ موللىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشمۇ پايدىلىق بولسا كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتى ۋە ئېنېرگىيە تەلىپىدە كۆرۈلگەن ئېشىشقا قارشى بۇ دۆلەتنىڭ بىردىن كۆپ كېسىشمە نۇقتىسى بار. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يىغىندا چىقىرىلغان «كېسەك ئالتۇن ئېنېرگىيە تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنىڭ ناھايىتى توغرا بىر قارار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

يەنە، سودا ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى خىتاي باشچىلىقىدىكى بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. ئەسلىدە بۇنىڭغا ئوخشاش غايەت زور پىلان – لايىھەلەر، ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىقلارنىڭ ئورنىتىلىشىغىمۇ ھامىلداردۇر.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل – مۇئامىلە خىزمەتلىرى ساھەسىدە تاشلىغان تۇنجى قەدىمى، 2014 – يىلى قۇرۇلغان يېڭى تەرەققىيات بانكىسى (NBD) دۇر. بۇ بانكىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى، ئەزا دۆلەتلەر مالىيە جەھەتتە ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تەقدىردە، ھاسىل قىلىنغان سەرمايە ئارقىلىق مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. نۆۋەتتىكى سەرمايىسى 100 مىليارد دوللارغا يەتكەن بۇ بانكا، ئەزا دۆلەتلەرنى قەرز بىلەن تەمىنلىمەكتە.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا بولسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى، كۆپ تەرەپلىمە سودىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلىندى. ئەسلىدە بۇ يەردە، دۇنيا ئىقتىسادىدا كېڭىيىشكە باشلىغان سودا قورۇقچىلىقى دولقۇنلىرىغا قارشى كۆپ تەرەپلىمە سودىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىقىش قىلىدىغان، كېلەچىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بىر سودا سىستېمىسىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى نىشان قىلىنماقتا. چۈنكى، بىردىن كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ سىستېمىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەۋجۇت سودا ئىمكانىيەتلىرىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىشى ۋە ئۆزئارا سېلىنما تورى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يولى، سودا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادقا يېڭى بىر تەرتىپ – ئىنتىزام ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دىيالوگنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يەنە كېلىپ پەقەت ئەزا دۆلەتلەر بىلەنلا ئەمەس، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ۋە تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەرگە ئېھتىياج بار.

سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، تۈركىيەنىڭ ھەم گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنىڭ تەقەززاسى ھەم ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ھالقىلىق بىر رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ دۇنيانىڭ گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قىلىدىغان جەمئىي ئېكسپورتى 7 مىليارد 300 مىليون دوللار، بۇ دۆلەتلەردىن قىلىدىغان ئىمپورتى بولسا، 53 مىليارد 400 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولماقتا. مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى سىياسەت جەھەتتىن بولسۇن، تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشى، تۈركىيەنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدۇ.

يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللار سايىسىدا ئۆزگىرىش شاماللىرى چىقىۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار ئورنىنى يېڭىلىرىغا بوشىتىپ بېرەمدۇ، بۇنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە كۆرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر