تۈرك چولپانلىرىنىڭ مىسلىسىز ماھارىتى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى «ئاكروباسى ئەترىتى» گە مەنسۇپ تۈرك چولپانلار «تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە گىرنە ئاسمانلىرىدا ماھارەت كۆرسەتتى.

تۈرك چولپانلىرىنىڭ مىسلىسىز ماھارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماھارەت، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ  «ئاكروباسى ئەترىتى» گە مەنسۇپ تۈرك چولپانلارنىڭ گىرنە ئاسمانلىرىغا ئۆرلىشى بىلەن باشلاندى. گىرنە پورتى ۋە ساھىلى ماھارەتنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن تاماشىبىنلار بىلەن تولۇپ تاشقانىدى.

دۇنيا بويىچە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان سەككىز ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ماھارەت كۆرسەتكەن چولپانلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

تۈرك چولپانلارنىڭ ماھارىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆك يۈزىدە يۈرەك ھاسىل قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر