قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدە دىپلوماتىيە مۇھىم رول ئوينىدى

 

تۈركىيەنىڭ قىبرىس خەلقىنى ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن 44 يىل بۇرۇن ئېلىپ بارغان قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى باسقۇچىدا، خەلقئارالىق كېلىشىملەر دائىرىسىدە ۋاكالەتچى دۆلەتلەر ۋە ئارالدىكى رەھبەرلەر ئالدى بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى 1974 – يىلى 20 – ئىيۇل  كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەت ئارالغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدى.

 

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدىن بۇرۇنقى قىبرىسنىڭ ئەھۋالى

 

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە 1995 – يىلى 11- فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان، ئەنگلىيە بىلەن قىبرىستىكى ئىككى خەلقنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەستىقلىغان زۇرىخ ۋە لوندون كېلىشىملىرى، مۇستەقىللىق، ئىككى خەلقنىڭ ھەمراھلىقى، ئاممىۋى ساھەدە ئاپتونومىيە ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى، تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ پائال ۋاكالەتچىلىك پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىناتتى.

ئارالدىكى ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمراھلىققا ئاساسلىنىدىغان خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئاساسەن 1960 – يىلى «قىبرىس جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى ۋە ئاساسىي قانۇندا ئارالدىكى قىبرىسلىق تۈرك ۋە رۇم خەلقلىرىگە باراۋەرلىك ئاساسىدا سىياسىي ھوقۇق ۋە سالاھىيەت بېرىلدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قىبرىس رۇم تەرىپى، قىبرىس تۈركلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرىدا چەتكە قېقىش، يېتىم قالدۇرۇش، ئارالدىكى مال – مۈلۈكلىرىگە خاتىمە بېرىش ۋە گىرېتسىيە بىلەن بىرلىشىشكە زېمىن ھازىرلاشقا ئۇرۇندى.

قىبرىس جۇمھۇرىيىتى، قىبرىسلىق رۇملارنىڭ 1963 – يىلى ئۆز ئالدىغا كۈچ ئىشلىتىشى بىلەن ئاساسىي قانۇننى بىكار قىلىشىدىن كېيىن غايىب بولدى.

گىرېتسىيە بىلەن بىرلىشىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قوراللانغان رۇملار، گىرېتسىيە بىلەن 1974 – يىلغىچە قىبرىس تۈركلىرىگە قاراتقان ھۇجۇم، بېسىم ۋە زۇلۇم – سىتەمنى كۈچەيتتى.

 

تۈركىيەنى قىبرىس ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان باسقۇچ

 

قىبرىس تۈركلىرىنىڭ 1960 – يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشىدىن كېيىن قىبرىس رۇملىرىنىڭ ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

EOKA  مەنسۇپلىرى ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان پىكىر ئىختىلاپلىرى، تۈركىيەنىڭ مۇداخىلىسىدىن قورققان ۋە تۈركلەرنى ئىقتىسادىي يولدىن چەتنەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان رۇم رەھبەر ماكارىئوس ۋە تېز سۈرئەتتە مەقسىتىگە يېتىشنى ئارزۇ قىلغان سابىق ھەربىي ھۆكۈمەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان  EOKA-B  مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشىگە سەۋەبچى بولدى.

گىرېتسىيە ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا 1974 – يىلى 15 – ئىيۇل كۈنى EOKA  رەھبىرى نىكوس سامپسون، ئارالنى گىرېتسىيەگە قاراشلىق قىلىش مەقسىتىدە ماكارىئوسقا قارشى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن، قىبرىسنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قەتل قىلىنغان بولدى.

 

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى

 

تۈركىيە 1960 – يىلى «كاپالەت كېلىشىمى» دائىرىسىدە ئالدى بىلەن قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

بۇ دائىرىدە 1974 – يىلى 17 – 18 – ئىيۇل كۈنلىرى ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا لوندوندا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرۇلۇق  سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە كاپالەتچى دۆلەت سۈپىتى بىلەن گىرېتسىيەمۇ تەكلىپ قىلىندى، بىراق، سۆھبەتكە گىرېتسىيەدىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ئىشتىراك قىلمىدى.

شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىت بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەميس كالېھان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە ئەنگلىيەگە ئورتاق ھەربىي مۇداخىلە قىلىش  تەكلىپى سۇنۇلدى.

تۈركىيە ئەنگلىيەنىڭ تەكلىپكە سەلبىي جاۋاب بېرىشىدىن كېيىن، «كاپالەت كېلىشىمى» گە ئاساسەن ۋە ئارالدىكى تۈركلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 1974 – يىلى 20 – ئىيۇل كۈنى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى.

شۇنداق قىلىپ، قىبرىسنىڭ گىرېتسىيەگە قوشۇۋېتىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى، ھەمدە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيىتى كاپالەت ئاستىغا ئېلىندى.

تۈركىيەنىڭ قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى ھەم گىرېتسىيەدە ھەربىي ھۆكۈمەتنى غۇلاتتى ھەمدە دۆلەتكە دېموكراتىيە ئېلىپ كەلدى.

 

            قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ھارپىسىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار

 

تۈركىيە 1974 – يىلى 20 – ئىيۇل كۈكنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 353 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن ئەنگلىيە بىلەن گىرېتسىيەگە «قايتىدىن تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاش» تەكلىپى سۇندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت 1974 – يىلى 25 – ئىيۇلدىن 30 – ئىيۇلغىچە جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ھەمدە ئۈچ كاپالەتچى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 1974 – يىلى 30 – ئىيۇل كۈنى جەنۋەدە باياننامە ئىمزالىدى.

مەزكۇر باياننامىدە، گىرېتسىيە بىلەن قىبرىسلىق رۇملار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تۈرك تاشقى زېمىنلىرىنىڭ دەرھال بوشىتىلىشى ۋە ئارالدا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ھەمدە قايتىدىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشى قارارلاشتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، باياننامىدە، ئارالدا قىبرىس تۈركلىرى بىلەن قىبرىس رۇملىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونومىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىندى.

كونفېرانسنىڭ 9 – ئاۋغۇستتا باشلانغان ئىككىنچى باسقۇچىدا گىرېتسىيە، ئارالدا يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلدى، ھەمدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈشتە مۇرەسسەلىشىش ئۈچۈن تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ئارالدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ «1960 – يىلدىكىگە ئوخشاشلا مەجبۇرلاپ تېڭىلغان ھېچقانداق تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، كونفېرانس 14 – ئاۋغۇستتا نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلاندى.

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەتىجىلىنىشىدىن كېيىن 1975 – يىلى 13 – فېۋرال كۈنى قىبرىس تۈرك فېدېراتسىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. پارلامېنتتا چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، 1983 – يىلى  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر