ئەردوغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

ئەردوغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش ئىسنانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى تىۋىتتېردىكى ھېسابىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 23يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى ياۋروپانىڭ كۆزلىرى ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋە مەن <تارىخنىڭ ئەڭ نۇمۇس قىلارلىق ۋەقەلىرىدىن بىرسى> دەپ قارايدىغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان بوسنىيەلىك قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمەن. بۇ خىل ئىسنانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «بۇ خىل ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر